خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر ئاي ۋاقىت قالدى، ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاي ئاتاكا ۋاقتىدا، تەكرارلاشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى قانداق ئىگىلەش، قانداق ئاكتىپ ۋە ئېغىر بېسىقلىق بىلەن تەكرار قىلىش كېرەك؟ 4-ماي، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك «1-ئاۋغۇست» ئوتتۇرا مەكتىپى تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىقنىڭ دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى زىيارەت قىلدى. ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايدا دەرسلىك كىتابنى كۆرۈشىنى، شۇ ئارقىلىق كەم جايلىرىنى تولۇقلىۋېلىش مەسلىھەتىنى بەردى.
شۇ مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىق تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋېن شياۋيىڭ ئوقۇغۇچىلارنى مۇنداق ئەسكەرتتى: ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايدىكى تەكرار مەزگىلىدە، چوقۇم ياخشى كەيپىيات ۋە روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك، خاتا ئىشلەنگەن سوئاللار دەپتىرى، خاتىرە دەپتەرلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق، ئۆگەنگەن بىلىمنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ۋە ئەسلەپ تۇرۇش، ئاساسقا قايتىپ كونىنى ئەسلەپ، يېڭىنى بىلىش، ئۇنىڭدىن باشقا ماقالە يېزىش، سوئال تەلىپىنى تەكشۈرۈش، نۇقتىئىنەزەر تىكلەش، تېما قويۇش، ماقالە قۇرۇلمىسى ھەمدە تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ماقالىدە يۇقىرىراق نومۇر ئېلىشقا تىرىشىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى