باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا 2017- يىللىق مەركەزلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش-ئىشچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى

2017.05.10 16:46   مەنبە: خەلق تورى

قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا 2017- يىللىق مەركەزلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش-ئىشچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ماي، يېڭى خىزمەتچىلەر شىنجاڭ قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ شېنجېن كەسىپلەر رايونىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا.

  شۇ كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر شەھىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەسپىي خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا چۈشۈش مۇراسىمى قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ شىمالى سانائەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى، قەشقەر شەھىرىنىڭ 11 يېزىسىدىن كەلگەن 1500 نەپەر يېڭى خىزمەتچى بىر يىل داۋاملىشىدىغان بۇ تەربىيەلەشكە، يەنى، دېھقاندىن سانائەت ئىشچىلىرى تىپىغا ئۆزگىرىشكە ئائىت تەربىيەلەشكە قاتنىشىدىكەن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن بولۇپ، ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا 1000 يۈەن مۇقىم ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئۈنۈم مۇكاپات پۇلى 2000 يۈەنگە يېتىدىكەن. 8- مايدىن باشلاپ، سانائەت رايونى ھەر ھەپتىدە 1500 نەپەر شەھەر-يېزىلاردىكى ئارتۇقچە ئەمگەك كۈچىنىڭ ئۆز رايونلىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تەشكىللەيدىكەن. 5- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، سانائەت رايونىدا ئىشچىنىڭ سانى 15مىڭغا يېتىش پىلانلانغان. قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قەشقەر شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شەھىرى، ھەمدە شېنجېننىڭ پىلانلاپ قۇرۇشىغا قاتناشقان شەھەر بولۇپ، ئۇ، شېنجېننىڭ سانائەت رايونى ۋە شېنجېن شەھىرى دېگەندەك كۆپ نىشانلىق تۈرگە ئىگە. 13 ـ بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، شېنجېن شەھىرىنىڭ قەشقەر شەھىرىگە ياردەم بېرىش مەبلەغ كۆلىمى ئۈچ مىليارد 980 مىليون يۈەنگە يەتكەن، كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى دېگەندەك جەھەتلەرگە نۇقتىلىق مەبلەغ سالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


 


 


 


 



【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەر بىرلىشىپ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنىڭ رايون ھالقىغان سەييارە پونكىتلىرى تۇنجى ب…
    ·جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئافغانىستاننى زىيارەت قىلدى 
    ·شىنجاڭ سانجى ئىنستىتۇتى 29 نەپەر يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى 
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2017-يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى باشلىنىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەييارلىقى ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇم پەللىسىگە كەلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەر بىخەتەرلىك ئەھۋالىنىڭ مەكتەپلەرنى باھالاش …
    ·ئېلىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇپ چىقتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا يەنىمۇ …
    ·ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى تائامى — پولۇ
    ·يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرىدا دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى خاتىرىلەندى