باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز ئورگانلىرى مەمۇرلارنى ئاشكارا تاللاپ ئىشقا قويۇدىكەن

2017.05.10 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: 2017- يىللىق مەركەز ئورگانلىرىغا مەمۇرلارنى ئاشكارا تاللاپ ئىشقا قويۇش خىزمىتى رەسمىي باشلانغان. 10- ماي، خەلق تورى، كومپارتىيە ئەزالىرى تورى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتى، جۇڭگو تەشكىلات-كادىرلار ئىشلىرى گېزىتى ۋە جۇڭگو ئەمگەك كاپالىتى گېزىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تاراتقۇلار 2017- يىللىق مەركەز ئورگانلىرىغا مەمۇرلارنى ئاشكارا تاللاپ ئىشقا قويۇش ئېلانى ۋە ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلغان. ھەمدە ئۇلارنى ھەرقايسى ئۆلكە (رايون، شەھەر)لەرنىڭ مەمۇرلارغا مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىۋەتلىك تور بېكەتلىرىدە كۆچۈرۈپ تارقاتقان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئاشكارا تاللاپ ئىشقا قويۇش خىزمىتىگە مەركەزنىڭ 56 ئورگىنى قاتناشقان، ھەمدە 360 نەپەر مەمۇرىي خادىم تاللاش پىلانلانغان. ئاشكارا مەمۇر تاللاشتا مۇئاۋىن ئىدارە (باشقارما) باشلىقى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى ۋە مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك مەمۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، جەمئىي 342 خىزمەت ئورنىغا مەمۇرلارنى تاللاپ ئىشقا قويىدىكەن.
مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى ۋەزىپىسىگە يەنە 18 نەپەر ئادەمنى غەيرى مەمۇرلار سېپىدىن ئاشكارا تاللاپ ئىشقا قويىدىكەن. تىزىملاشتا شەخسنىڭ ئارزۇسى بىلەن تەشكىلنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىكەن، تىزىملىتىش ۋاقتى 2017- يىلى 11- مايدىن 22- مايغىچە بولىدىكەن، يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 2017- يىلى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى (يەكشەنبە)گە بېكىتىلگەن بولۇپ، ئىمتىھان ئېلىش دەرىجىگە ۋە تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر