باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز 5- ئاينىڭ 10- كۈنىنى «جۇڭگو كۇرسلۇق مەھسۇلات كۈنى» قىلىپ بېكىتتى

2017.05.10 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2017- يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 5- ئاينىڭ 10- كۈنى «جۇڭگو كۇرسلۇق مەھسۇلات كۈنى» قىلىپ تەسىس قىلىنغان. جۇڭگو كۇرسلۇق مەھسۇلات كۈنىنىڭ تەسىس قىلىنىشى دۆلەتنىڭ كۇرسلۇق مەھسۇلات قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، كۇرسلۇق مەھسۇلات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى مۇستەھكەم ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، بۇ يىلقى باش تېما «تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇستەقىل كۇرسلۇق مەھسۇلاتلار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئومۇميۈزلۈك يارىتىش».

  ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئەزەلدىن كۇرسلۇق مەھسۇلاتلاردا كۈچلۈك دۆلەت. ئىستېمالچىلار ئالما، بوئېئېڭ ئارقىلىق ئامېرىكىنى تونۇغان، benz، Siemens ئارقىلىق گېرمانىيەنى بىلگەن بولسا، دۇنيا خەيئېر، خۇاۋېي، ئەلى بابا، جۇڭگو بانكىسى قاتارلىق يارقىن جۇڭگو كۇرسلۇق مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگونى چۈشەندى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ كۇرسلۇق مەھسۇلاتلىرى قۇرۇلۇشىدا پەخىرلىنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى: دۆلىتىمىزنىڭ تۆت كۇرسلۇق مەھسۇلاتى 2005- يىلى دۇنيا كۇرسلۇق مەھسۇلاتلار تەجرىبىخانىسى ئېلان قىلغان «دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كۇرسلۇق مەھسۇلات»لار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. 2016- يىلى 36 كۇرسلۇق مەھسۇلات بۇ قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرقنى ئازايتتى.

  ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ كۇرسلۇق مەھسۇلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتى پىشىپ يېتىلدى، كۇرسلۇق مەھسۇلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ دەل ۋاقتى بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر