باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ خېنەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دېدى:

ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى نۇقتىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىدە مۇھىم تايانچ رول ئويناشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2017.05.10 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شې فۇجەن، ئۆلكە باشلىقى چېن رۈنئېرنىڭ ھەمراھلىقىدا ، كەيفېڭ، شىن شياڭ، جېڭجۇدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

  خېنەن ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونىدا تەسىس قىلغان تۇنجى ئەركىن سودا رايونى. لى كېچياڭ كەيفېڭ تەۋەلىك رايونىغا كەلگەندە، بۇ رايوننىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشىگە تېخىمۇ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ، «22 كىنىشكىنى بىر كىنىشكا قىلىش» ئىسلاھاتىنى يولغا قويدۇق، ئىلگىرى 50 نەچچە خىزمەت كۈنى كېتىدىغان، بىر نەچچە تارماققا قاتراپ بېجىرىدىغان ئىشلار «توردا راۋان بېجىرىش»كە ئىخچاملىنىپ، بىر نەچچە خىزمەت كۈنىدە پۈتىدىغان بولدى. لى كېچياڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ مۇئەييەنلەشتۈردى. لى كېچياڭ ئىش بېجىرىۋاتقان ئامما ۋە ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ كەلگەن ئىستۇدېنتلار بىلەن پاراڭلىشىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلار ھەتتا چەت ئەلدىن بۇ يەرگە مەبلەغ سېلىش، گۈللەندۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى بىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىر بازار رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالغۇچىنى جەلپ قىلغىلى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ. ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئىچكى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى بىرلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ ۋە ئىخچاملاپ، تەستىقلاش تېخىمۇ ئىخچام، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تېخىمۇ كۈچلۈك، مۇلازىمەت تېخىمۇ ئەلا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  لى كېچياڭ كەيفېڭ شەھەرلىك كەپىلىك مەھەللە ۋە كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلاتنى ئاڭلىدى. لى كېچياڭ داشىڭ مەھەللىسىدە ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، بۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ كونا ، قىشتا سوغۇق، يازدا يامغۇر ئۆتىدىغانلىقى، توك يوللىرىنىڭ كونىراپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇنداق خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى قايتا سېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى تاپىلىدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: قەدىمىي شەھەرنى رېمونت قىلىش تارىخىي مەسئۇلىيەت، كونا شەھەر رايونىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى ياخشىلاش تولىمۇ زۆرۈر، ئىككى ئىشنىڭ بىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، بىر تۇتاش پىلانلاشنى ياخشى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى خاتىرجەم ماكانلىشىش ئارزۇسىغا تېزراق يەتكۈزۈش، شۇنداقلا مەدەنىي يادىكارلىقلارنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، مەدەنىيەت مۇجەسسەملەنگەن مەنبەنى چىڭ ساقلاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر