خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ماي، يېڭىدىن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولغان جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باش كاتىپى جاڭ جيەن (سولدىن بىرىنچىسى)، فىلىپپىن پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مارىيانو (سولدىن ئىككىنچىسى)، كورېيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چۇڭ مۇڭ كيو (ئوڭدىن بىرىنچىسى)، بېنگال پۇتبولچىلار جەمئىيىتىدىن ماخافۇس (ئوڭدىن ئىككىنچىسى) ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى سالمان بىلەن بىرگە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
شۇ كۈنى، ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 27-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى بەھرەين پايتەختى مانامادا ئېچىلدى. يىغىندا، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باش كاتىپى جاڭ جيەن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئاسىيا رايونىنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولۇپ سايلاندى، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولىدۇ. بىرلىكتە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئاسىيا رايونىنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولۇپ سايلانغانلاردىن يەنە، كورېيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چۇڭ مۇڭ كيو، فىلىپپىن پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مارىيانو ۋە بېنگال پۇتبولچىلار جەمئىيىتىدىن كەلگەن ئايال ئەزا ماخافۇس بار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى