باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>一带一路

«بىر بەلباغ، بىر يول»: ئېلىمىزنىڭ بۇلتۇر لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسى 953 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتتى

2017.05.09 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ بىر تەرەپلا تەرەققىي قىلىدىغان كىچىك مەنپەئەتنى ئەمەس، بەلكى بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىشتەك چوڭ مەنپەئەتنى كۆزلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئېلىمىز بىلەن لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىر-بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ، ئۈستۈنلۈك جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق ئالاقىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، ئورتاق يېڭىش ھەمراھلىق تورىنى شەكىللەندۈرمەكتە. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتىشمىگەن ئەھۋالدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەرەققىياتى شۈبھىسىز تېپىلغۇسىز يارقىن نۇقتا ھېسابلىنىدۇ.

  پايانسىز قۇملۇقلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، زۇمرەتتەك دولقۇنلارنى يېرىپ، پىلان-لايىھەلەر بىر بىرلەپ ئاۋات مۇھىم سودا بازارلىرىغا ئايلىنىپ، قەدىمكى ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا گىرەلەشتى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا، مول سودا ھەمكارلىق نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى. 2016-يىلى ئېلىمىزنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسى 953 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئېلىمىزنىڭ دۇنيا سودا سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %25.7 بولدى.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئالاقە تورى كارخانىلىرى ۋەكىللىكىدىكى يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ئىقتىسادىمۇ پائال ئورۇنلىشىپ، مۈرىنى-مۈرىگە تىرىپ جەڭگە ئاتلىنىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارتلاش خاراكتېرلىك ئېشىپ، سودا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان يېڭى ئېنېرگىيەگە ئايلاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر