باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ فىرانسىيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى ماكرونغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2017.05.09 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىرانسىيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى ماكرونغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: فىرانسىيە يېڭى جۇڭگو بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تۇنجى غەرب چوڭ دۆلىتى. جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ھەم خەلقئارا تەسىرگە ئىگە بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ھەم مۇھىم خەلقئارا تەسىرگە ئىگە دۆلەت بولۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدا ئالاھىدە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگىمۇ پايدىلىق. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن قولمۇقول تۇتۇشۇپ، قويۇق ۋە سىجىل بولغان جۇڭگو-فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر