باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو سۈپىتى بىلەن دۇنياغا كۈچ قوشىمىز

2017.05.10 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالايسىيا تەۋەلىكىدىكى ئىشچى ۋۇ شۇييۈەن جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى «چاڭچېڭ» سىلىقلاش مېيى سىنگاپور شىركىتىنىڭ بوغالتىرى بولۇپ، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ ئاتچوت قىلىش تۈزۈمى ئۇنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغانىدى. مەسىلەن، تېلېفون ھەققىنى ئاتچوت قىلىشتا ھەر ئايلىق ھېسابات تالونى چىققاندىن كېيىن، شىركەت شەخسىي تېلېفون نومۇرلىرىنى چىقىرىۋېتىپ ھېسابلايتتى. مۇشۇنداق بىر چوڭ شىركەتنىڭ ھېسابنى شۇنچىلىك ئىنچىكە ئىشلىشىگە ۋۇ شۇييۈەن ئىنتايىن قايىل ئىدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، كارخانىلار ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەش؛ تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى ھۆكۈمەت بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش ئارقىلىق ئورتاق يېڭىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ــــــ جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ چەت ئەلدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلىرى كۆپ يىللىق تەجرىبە ئارقىلىق ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش.

  جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى ئەڭ بالدۇر «سىرتقا چىققان» مەركەز كارخانىلىرىدىن بىرى، ھازىر «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا قۇرۇلۇش تۈرى بار. «چاڭچېڭ» سىلىقلاش مېيى سىنگاپور شىركىتى دەل جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ سىنگاپوردىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى. مەزكۇر شىركەت بۇلتۇر «شېل»، «توتال»لار بىلەن بىرلىكتە شېرىكلىشىپ سىلىقلاش مېيى يانداش ئۇل ئەسلىھەسى قۇردى.

  سىنگاپور شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شيا پېڭ مۇنداق دېدى: چەت ئەل كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدۇق. مەسىلەن، ماي پاراخوتىنى بىرلەشمە پىرىستاندا توختاتقاندا ئۈچىنچى تەرەپنىڭ چاتما كېمىسىنى ئىشلىتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قېتىمدا 3000 سىنگاپور دوللىرىدىن ئارتۇق چىقىم قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ چاتما كېمە ئىشلەتمەي بۇ چىقىمنى تېجەپ قېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. «شېل» ۋە «توتال» پورتنىڭ تىجارەت سانلىق مەلۇماتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا قارشى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چاتما كېمىنىڭ ھەققىنى تېجەش باشقا جەھەتتىكى خەۋپنى ئاشۇرىدۇ دەپ قارىدى.

  شيا پېڭ مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ ئەستايىدىل ھەم ئېھتىياتچانلىق بىلەن چىقارغان قارار، مېخانىزملىرى بىزگە بەك تەسىر قىلدى، ھەر بىر تۈرلۈك تەدبىرنى سۇبيېكتىپ پەرەز بىلەن چىقارماستىن، چوقۇم سانلىق مەلۇماتقا قاراپ چىقىرىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر