باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئىشلەش بىلەن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، بىلىم بىلەن ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈش، ئەخلاق بىلەن ماھارەتتە تەڭ يېتىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ يۇقىرى ساپالىق كەسىپ قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك

2017.05.09 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كەسپىي مەكتەپلەر تېخنىكا ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 8-ماي تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇسابىقىگە مۇھىم يوليورۇق بەردى. يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كەسپىي مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئېلىمىز مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ھازىر، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، زور بىر تۈركۈم تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشكە جىددىي ئېھتىياجلىق. ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۈلگە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنىڭ بازارغا يۈزلىنىش، تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشتەك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەش بىلەن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، بىلىم بىلەن ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈش، ئەخلاق بىلەن ماھارەتتە تەڭ يېتىلىش، ھۈنەرۋەنلىك روھىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشپ يۇقىرى ساپالىق كەسىپ قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا ئاتلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ ئادەم كۈچى، ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشى، جۇڭگو ماركىسىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا-يۇقىرى سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن! ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەسپىي مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈش، ئېنېرگىيە ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر