باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ فىرانسىيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى

2017.05.10 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنى فىرانسىيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى.

  شى جىنپىڭ ماكروننىڭ فىرانسىيەنىڭ زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيەسىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 53 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۆزگىرىپ تۇرغان خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتتى، ئىستراتېگىيەلىكلىكى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىن يېڭى باسقۇچقا ئىلگىرى سۈرۈش ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، فىرانسىيەنى ئىزچىل مۇھىم ئالدىن ھەمكارلىشىش ھەمراھى دەپ قارايدۇ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ، فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە دوستلۇق ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاشۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەت ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم ئىشلارنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو فىرانسىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئالاقىلىشىپ ماسلىشىپ، دۇنيانى تۈزەش، ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك «پارىژ كېلىشىمى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانى تۈزەش نەتىجىلىرىنى قوغداپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن ئورتاق تۆھپە قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى داۋاملىق قوللايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر