- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«بىر بەلباغ، بىر يول» پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى
چەت ئەل پەن-مائارىپ ئاپپاراتىدىن توققۇزى، «جويۆ» مەركىزىدىن بەشى قۇرۇلدى
2017.05.10 15:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 9-ماي گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى 2013-يىلدىن بۇيان باشلامچىلىق بىلەن «ئىختىساسلىقلار، سۇپا، تۈر» ئۆز ئارا بىرلەشكەن «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى» ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق پىلانىنى يولغا قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن-تېخنىكا تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقىنى مەسئۇل بولۇپ قۇرغان. ھازىر، «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولغان. 2030-يىلىغا بارغاندا «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق تورى سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، ئىككى تەرەپ، كۆپ تەرەپ شۇنداقلا رايونلارنىڭ پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە «غول تور» لۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا ئۈمىد بار.تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى چەت ئەل پەن-مائارىپ ئاپپاراتىدىن توققۇزنى، «جويۆ» مەركىزىدىن بەشنى قۇرۇپ، ئۈستۈنلۈك جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق ئوچۇق بازىسىغا ئايلانغان.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى چېگرا سىرتىدىكى داڭلىق پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كەلگۈسى پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، پەن-تېخنىكا باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن. ھازىر، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» دىكى دۆلەت (رايون) لەر بىلەن بولغان پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق كۆلىمى يىلدا 10 مىڭ ئادەم/قېتىمغا يېتىپ، مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىدىن 300نى كىرگۈزگەن، «بىر بەلباغ، بىر يول» دىكى دۆلەتلەردە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان 600دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ بارلىق پەن-ساھەسىنى دېگۈدەك قاپلىغان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر