باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى چېن فاڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2017.05.10 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى چېن فاڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلدى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، چېن فاڭنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە سىياسىي قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى، دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنىڭ بۇرمىلانغانلىقى؛ ئۇزاق مۇددەت نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتقانلىقى؛ تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ئىشلىرىنى يوشۇرۇپ، بىرلىكتە دېلو سادىر قىلغان كىشىلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغانلىقى؛ خۇراپىلىق قىلىپ، تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى؛ ئالاقىدار خاتالىقلىرىنى تەشكىلنىڭ تەلىپى بويىچە ئەينەن مەلۇم قىلمىغانلىقى؛ كادىر ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئىشلىرىغا قائىدىگە خىلاپ قول تىقىپ پۇل ۋە مال قوبۇل قىلغانلىقى ئېنىقلاندى.

  ئۇنىڭ يەنە پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئالدىغا تۇتۇپ قالغان، پاك-دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا زىياپەتكە تەكلىپ قىلىشنى قوبۇل قىلغان؛ ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ شەھۋانىيلىق قىلغان؛ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئۇزاق مۇددەت ئىگىلىۋالغان، ئاممىۋى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، قائىدىگە خىلاپ ھالدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلۈك جايلىرىنى سېتىۋىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن؛ خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالغان ۋە قول تىققان؛ ئۆز مەيلىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى قالدۇرۇپ ساقلىغان؛ تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلار بىلەن بىنورمال جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان؛ دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئومۇمنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋالغان، ئوق-دورىلارنى قانۇنسىز ئىلكىدە ساقلىغان، باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلغان، دۆلەت پۇلىنى يۇتۇۋالغان؛ ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ۋە پۇل-مال تەلەپ قىلغان، باشقىلارنىڭ پارا بېرىشىنى قوبۇل قىلىشتەك جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

  چىن فاڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنتىزامنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان، پارتىيە ئىنتىزامىغا ۋە دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ۋە 18-قۇرۇلتايدىن كېيىنمۇ ھوشىنى تاپمىغان، قولىنى تارتمىغان، خاراكتېرى قەبىھ، قىلمىشى ئېغىر. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمى كومىتېتىنىڭ يىغىن ئېچىپ قاراپ چىقىشى ئارقىلىق، چېن فاڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى تەرىپىدىن خىزمەتتىن ھەيدىلىپ، ئىنتىزامغا خىلاپ ئېرىشكەن مال-مۈلكى يىغىۋېلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى، يىپ ئۇچى، چېتىشلىق پۇل-ماللىرى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر