باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلدى

بۇ ھەپتىدە يۇقىرى تېمپېراتورا 30 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىشى مۇمكىن

2017.05.09 16:48   مەنبە: خەلق تورى

بۇ ھەپتىدە يۇقىرى تېمپېراتورا 30 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىشى مۇمكىن

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ماي، بىر مەزگىللىك يامغۇر تېخى ئىسسىپ كېتەلمەي تۇرغان شىمالىي شىنجاڭ رايونىنى تېخىمۇ سالقىنلاشتۇرۇۋەتتى، بىراق، بۇ مەزگىللىك يامغۇر ھاۋا تېمپېراتورىسىنىڭ ئۆرلىشىنى توسۇپ قالالمىدى.

  بۇ ھەپتىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتورا يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە، بۇ ھەپتىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتورا 30 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىشى مۇمكىن.

  ياز كىرگەندىن بۇيان، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا تېمپېراتورا كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ، باش يازنىڭ تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇردى. بىراق بۇ ئىككى پەسىل ئالمىشىۋاتقان مەزگىلدە، يامغۇرمۇ ئاندا-مۇندا يېغىپ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ تۇردى. مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ماي كېچىدىن باشلاپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يەنە يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلگەن، مۆلچەرلىنىشىچە. 8-مايدىن 9-مايغىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئېتىكىدە، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونلىرىدا، قۇمۇلنىڭ شىمالىي، ئىلى دەريا ۋادىسى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئاز مىقداردا يامغۇر ياغىدىكەن.

  بىراق بۇ مەزگىللىك يامغۇر تېز كېلىپ، تېز كېتىدىكەن، يامغۇرلۇق ھاۋارايى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا ھاۋا تېز سۈرئەتتە ئىسسىيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەر بىرلىشىپ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنىڭ رايون ھالقىغان سەييارە پونكىتلىرى تۇنجى ب…
    ·جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئافغانىستاننى زىيارەت قىلدى 
    ·شىنجاڭ سانجى ئىنستىتۇتى 29 نەپەر يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى 
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2017-يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى باشلىنىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەييارلىقى ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇم پەللىسىگە كەلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەر بىخەتەرلىك ئەھۋالىنىڭ مەكتەپلەرنى باھالاش …
    ·ئېلىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇپ چىقتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا يەنىمۇ …
    ·ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى تائامى — پولۇ
    ·يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرىدا دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى خاتىرىلەندى