خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ماي، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى سومالى پايتەختى مۇقدىشودىكى ئاپتوموبىلبومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان نەق مەيداندا ئوت ئۆچۈرمەكتە.
سومالى پايتەختى مۇقدىشودا 8-ماي ئاپتوموبىلبومبا ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدە سومالى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى بار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى