باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭخۇا كەسپىي مائارىپ ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى

يۈ جېڭشېڭ تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2017.05.08 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا كەسپىي مائارىپ ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغان پەيتتە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، جۇڭخۇا كەسپىي مائارىپ ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇا كەسپىي مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئېلىمىزدە ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان كەسپىي مائارىپ ئۇيۇشمىسى، نۇرغۇن بوران چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن كونا جۇڭگودا جۇڭخۇا كەسپىي مائارىپ ئۇيۇشمىسى مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى قۇتقۇزۇش باش مەقسىتى بويىچە ئەنئەنىۋىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش، كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، دېموكراتىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدىغان، دېموكراتىيە، تەرەققىيات يولىدا ئىزدىنىدىغان ۋەتەنپەرۋەر ئۇيۇشمىغا ئايلاندى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن كېيىن جۇڭخۇا كەسپىي مائارىپ ئۇيۇشمىسى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمەت ئومۇملۇقىنى زىچ چۆرىدەپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسى ۋە دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى كەسپىي مائارىپنى قوللايدىغان، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەربابلار بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئالاقە باغلاپ، كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگيەسىنى يولغا قويۇش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

  جۇڭخۇا كەسپىي مائارىپ ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 5-ماي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۇ جېڭشېڭ قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، يۇ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇا كەسپىي مائارىپ ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغان پەيتتە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭخۇا كەسپىي مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا كەسپىي مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېلىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى تولۇق ئىپادىلىدى، جۇڭخۇا كەسپىي مائارىپ ئۇيۇشمىسىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى نامايەن قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر