- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
5-ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، 1500دىن ئارتۇق ئايروپىلان بېلىتى ئېتىبار باھادا سېتىلىدۇ
بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %10كىچە چۈشۈرۈلىدۇ
2017.05.09 17:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، شىنجاڭغا كېلىدىغان ۋە شىنجاڭدىن چىقىدىغان 18 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن جەمئىي 1500دىن ئارتۇق ئايروپىلان بېلىتىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا %90 چۈشۈرۈلۈپ سېتىلىدۇ. 8-ماي، 172 يولۇچى «ياخشى ئىتتىپاقلىق سەپىرى» تېمىسىدا بېزەلگەن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، تۇنجى ئۇچۇشىنى تاماملىدى. بۇ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ دۇنيا بويىچە تۇنجى تۆۋەن تەننەرخلىق ئاۋىياتسىيە ئىتتىپاقىغا رەسمىي ئەزا بولغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، توردىمۇ ئايروپىلان بېلىتىدە چوڭ كۆلەمدە ئېتىبار قىلىپ سېتىش پائالىيتىنى ئېلىپ بارماقچى. 15-مايدىن 30-مايغىچە، جەمئىي 18 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە (ئۈرۈمچى-شىئەن، ئۈرۈمچى-ۋۇخەن، ئۈرۈمچى-خوتەن، ئۈرۈمچى-جىڭجۇ، ئۈرۈمچى-غۇلجا، ئۈرۈمچى-قەشقەر، ئۈرۈمچى-خەيكۇ، خوتەن-قەشقەر، ئۈرۈمچى-لەنجۇ) بېرىپ-كېلىش بويىچە، 1500 دىن ئارتۇق ئالاھىدە باھالىق بېلەت يولۇچىلارنىڭ سېتىۋىلىشىغا سۇنۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىن چىقىدىغان لىنىيەدە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا بېلەت باھاسى %20كە، شىنجاڭ ئىچىدىكى لىنىيەدە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %10 كىچە چۈشۈرۈلىدۇ.
مەسىلەن، ئۈرۈمچىدىن خەيكۇغا 770 يۈەن، قەشقەردىن خوتەنگە 80 يۈەن، ئۈرۈمچىدىن جىڭجۇغا 610 يۈەن بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر