باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى دۆلەت شېئىرى قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى تۈزۈۋاتىدۇ

2017.05.09 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى دۆلەت شېئىرى قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزەۋاتقان، بۇ يىل 6-ئايدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ دەسلەپكى قاراپ چىقىشىغا سۇنىدىكەن. بۇ دۆلەت شېئىرى چېلىش، ئوقۇش، ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشقا پايدىلىقكەن.

  دۆلەت شېئىرى دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربىگە ئوخشاش بىر دۆلەتنىڭ سىمۋولى. دۆلىتىمىز 1990-يىلى دۆلەت بايرىقى قانۇنى ۋە 1991-يىلى دۆلەت گېربى قانۇنى چىقاردى، لېكىن ھازىرغىچە دۆلەت شېئىرىگە مەخسۇس قانۇن چىقارمىدى. رېئال تۇرمۇشىمىزدا دۆلەت شېئىرى ئومۇميۈزلۈك ھۆرمەتلەش ۋە قوغداشقا ئېرىشەلمىدى. قانۇن چەكلىمىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، جەمئىيەتتە دۆلەت شېئىرىنى خالىغانچە ئىشلىتىش، چېلىش، ئوقۇشتا ئەستايىدىل بولماسلىقتەك مەسىلىلەر ساقلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت شېئىرىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەربىيەلەش فۇنكسىيەسىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇلمىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىككى يىغىندا، كۆپلىگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى دۆلەت شېئىرى قانۇنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېزرەك قانۇندىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش تەكلىپى بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر