- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتې بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى
2017.05.04 14:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 3-كۈنى فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتې بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇر مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدۇق، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى. ھازىر ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىق ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، ئىككى تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش يولىمۇ ئېچىلدى. بۇ جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ، بۇ ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۇلۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق ئومۇمىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر