باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى ئەقلى ئىقتىدارلىق بانكىدا تىجارەت باشلاندى

2017.05.03 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋېنا تومۇر ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش، چىراي ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش، ھولوگرافىيەلىك تەسۋىر ئارقىلىق مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش، ئىككى ئۆلچەملىك كود ئارقىلىق پۇل تۆلەش... 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى ئەقلى ئىقتىدارلىق تور نۇقتىسى 2.0 ــ ئۈرۈمچى بانكىسى سىپىڭ يولى پەن-تېخنىكا تارماق بانكىسىدا رەسمىي تىجارەت باشلاندى، ئەقلىي ئىقتىدار + پۇل مۇئامىلە تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرغۇسى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئەقلى ئىقتىدارلىق تور نۇقتىسى 2.0 ئەنئەنىۋى بانكا مۇلازىمەت شەكلى ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشتۈرۈلۈپ، «ئەقلى ئىقتىدار، ئۆزئارا ماسلىشىش، ئۆزى قىلىپ كۆرۈش، ھېس قىلىش» تېما قىلىنىپ، 20 نەچچە تۈرلۈك ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئەقلى ئىقتىدارلىق ئەسلىھەلەر، رەقەملىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئادەم-كومپيۇتېر دىئالوگ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، خېرىدارلارنى تولۇق ئىقتىدارلىق ئاپتوماتىك، ئەمەلىي كۆرۈنۈشلۈك يېڭى پەن-تېخنىكا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر