باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ «گوۋۇيۈەننىڭ ‹چوڭ، ئوتتۇرا سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىغا يەر ئېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش نىزامى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار»نى ئېلان قىلدى

2017.05.03 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا 679- نومۇرلۇق گوۋۇيۈەن پەرمانىنى ئىمزالاپ،«گوۋۇيۈەننىڭ ‹چوڭ، ئوتتۇرا سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىغا يەر ئېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش نىزامى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار»نى ئېلان قىلدى(تۆۋەندە «قارار»دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى)، بۇ نىزام 2017- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىغا يەر ئېلىش تولۇقلىمىسى ۋە كۆچمەنلەرنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نىزامى»(تۆۋەندە«نىزام»دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى)نىڭ 22- ماددا 1- تارمىقىدا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىغا تېرىلغۇ يەر ئېلىنسا، يەر تولۇقلىما ھەققى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى تېرىلغۇ يەرنى ئېلىشتىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرىچە مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 16 ھەسسىسى بويىچە بېرىلىدۇ. 2015- يىلى «ج ك پ مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى»(ج ك پ مەركىزى كومىتېتى تارقاتقان[2015]1-نومۇر)دە مۇنۇلار قارار قىلىنغان: زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا يەر ئېلىش تولۇقلىمىسى بېرىشتە تۆمۈريول قاتارلىق زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى بىلەن ئوخشاش سىياسەت يولغا قويۇلىدۇ. تۆمۈريول قاتارلىق زور ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى «گوۋۇيۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرنى قاتتىق باشقۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى»(گوۋۇيۈەن تارقاتقان[2004]28-نومۇر) ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يەر ئېلىش تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى ئەسلىدىكى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرىچە مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 10 ھەسسىسىدىن 16 ھەسسىسىگىچە تولۇقلىما بېرىشتىن، تەدرىجىي ھالدا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئېلان قىلغان بىرلىككە كەلگەن يىللىق مەھسۇلات قىممىتى ياكى ئۇنىۋېرسال يەر باھاسى تولۇقلىمىسى بويىچە بېرىشكە ئۆتتى. 2015- يىلىدىن بۇيان، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ھەممىسىدە تۆمۈريول قاتارلىق زور ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى بىلەن ئوخشاش تولۇقلىما ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدىغان بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر