باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلسا، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قانداق تەڭشىلىدۇ (خەلق تۇرمۇشىنى تەكشۈرۈش • ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ يېڭى كاپالىتى)

2017.05.03 14:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بۇ يىل 2-ئايدا «تۇغۇت سۇغۇرتىسى بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، سۇغۇرتا تۈرىنى ساقلاپ قېلىش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش، بىر تۇتاش باشقۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئىدىيەسى بويىچە، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ خەندەن شەھىرى قاتارلىق 12 شەھەردە ئىككى سۇغۇرتىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى نۇقتىدا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۇقتىدا سىناق قىلىش 2017-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن يولغا قويۇلىدۇ، نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇددىتى بىر يىل ئەتراپىدا بولىدۇ.

  سۇغۇرتا تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ، تەمىنات ئۆزگەرمەيدۇ

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن چىڭخۈي مۇنداق دېدى: تۇغۇت سۇغۇرتىسى بىلەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلۇشى تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىڭ تەمىنات سەۋىيەسىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

  يەن چىڭخۈي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش بۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇت سۇغۇرتىسى بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئوخشىمايدىغان ئىقتىدارى ۋە سىياسەت كاپالىتى بار. تۇغۇت سۇغۇرتىسى ئاياللارنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتى بولۇشتەك ئۆزگىچە فۇنكسىيەگە ئىگە؛ شەخسلەرنىڭ تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرماسلىقى ياللىغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ؛ تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتى داۋالىنىش ھەققىدىن باشقا يەنە تۇغۇت ياردەم پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، باشقا سۇغۇرتا تۈرلىرى بۇلارنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. تۇغۇت سۇغۇرتىسى بىر تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋاملىق ساقلىنىدۇ.

  شۇڭا، بۇ قېتىملىق بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىڭ تەمىنات سىياسىتىنى تەڭشەشكە چېتىلمايدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت مەزگىلىدىكى تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئۆزگەرمەيدۇ، شۇنداقلا تۆۋەنلىمەيدۇ.

  تۇغۇتتىكى داۋالىنىش خىراجىتى ئاتچوت قىلىنىپلا قالماستىن، يەنە تۇغۇت ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ

  سۇغۇرتىغا قاتناشقان نۇرغۇن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئالدى بىلەن تۇغۇت مەزگىلىدىكى داۋالىنىش خىراجىتىنى ئويلاشتى. تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھامىلىدارلىق، تۇغۇت مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈش ھەققى، تۇغدۇرۇش ھەققى، ئوپېراتسىيە ھەققى، بالنىستتا يېتىش ھەققى، دورا ھەققى ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيە ھەققىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

  لېكىن، تېخىمۇ كۆپ چىقىم قىلىدىغان تۈر تۇغۇت ياردەم پۇلى، يەنى دۆلەتنىڭ قانۇن ـ نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، كەسپىي ئاياللارغا تۇغۇت سەۋەبلىك خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغان مەزگىلدە بېرىلىدىغان تۇرمۇش پۇلى بولۇپ، تۇغۇت سۇغۇرتىسى فوندى كىرىم-چىقىمىنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. تۇغۇت ياردەم پۇلى مائاش كىرىمىنىڭ سەپلىمىسى، فوندىدىن مەزكۇر ئورۇندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاش ئۆلچىمى بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ، چىقىم مۇددىتى ئادەتتە تۇغۇت دەم ئېلىش مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، 90 كۈندىن ئاز بولمايدۇ.

  فوندىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم بولۇپ، قاپلاش دائىرىسى كېڭەيتىلگەندىن كېيىن تېخىمۇ تولۇقلىنىدۇ

  ئىگىلىنىشچە، تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىڭ ئايلىنىشى بۇرۇندىن مۇقىم بولۇپ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كىرىم چىقىمدىن كۆپ، ئېشىنچىسى بىر قەدەر تولۇقكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 2015-يىلى، 6 مىليون 420 مىڭ ئادەم/قېتىم تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىلىنىپ، پۈتۈن يىللىق تۇغۇت سۇغۇرتىسى فوندى 50 مىليارد 200 مىليون يۈەن كىرىم قىلىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %12.5 ئاشقان، 41 مىليارد 100 مىليون يۈەن چىقىم قىلىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %11.8 ئاشقان. 2014-يىلى، 6 مىليون 130 مىڭ ئادەم/قېتىم تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىلىنىپ، پۈتۈن يىللىق تۇغۇت سۇغۇرتىسى فوندى 44 مىليارد 600 مىليون يۈەن كىرىم قىلىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %21.1 ئاشقان، 36 مىليارد 800 مىليون يۈەن چىقىم قىلىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %30.2 ئاشقان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر