- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ 679-نومۇرلۇق گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالىدى
2017.05.03 11:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 679-نومۇرلۇق گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، «گوۋۇيۈەننىڭ چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئىنشائاتى، ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىغا يەر ئېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارنى ئېلان قىلدى، بۇ نىزام 2017-يىلى 1-ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئىنشائاتى ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىغا يەر ئېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش نىزامى»نىڭ 22-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئىنشائاتى ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىغا تېرىلغۇ يەرنى ئىشلەتكەندە، يەر تولۇقلىما ھەققى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى تېرىلغۇ يەرنى ئېلىشتىن بۇرۇنقى ئۈچ يىلنىڭ ئوتتۇرىچە مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 16 ھەسسىسى بويىچە بېرىلىدۇ. 2015-يىلى «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىرى»دە مۇنۇلار قارار قىلىنغان: زور سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىغا يەر ئېلىش تولۇقلىمىسى بېرىشتە تۆمۈر يول قاتارلىق زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى بىلەن ئوخشاش سىياسەت يولغا قويۇلىدۇ. تۆمۈر يول قاتارلىق زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرى «گوۋۇيۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرنى قاتتىق باشقۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يەر ئېلىش تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى ئەسلىدىكى ئالدىنقى ئۈچ يىلنىڭ ئوتتۇرىچە مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 10ھەسسىدىن 16 ھەسسىگىچە تولۇقلىما بېرىشتىن، تەدرىجىي ھالدا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئېلان قىلغان بىرلىككە كەلگەن يىللىق مەھسۇلات قىممىتى ياكى رايون ئۇنىۋېرسال يەر باھاسى تولۇقلىمىسى بويىچە بېرىشكە ئۆتتى. 2015-يىلدىن بۇيان، چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ھەممىسى تۆمۈر يول قاتارلىق زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرى بىلەن ئوخشاش تولۇقلىما ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىدىغان بولدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر