- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گېرمانىيە ئاقىللار ئامبىرى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى داۋاملىق ياخشىلانماقتا
2017.05.02 14:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گېرمانىيەنىڭ مانېئىم شەھىرىدىكى ياۋروپا ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى داۋاملىق ياخشىلانماقتا، ئىقتىسادى ئىستىقبال كۆرسەتكۈچى ئۇدا ئۈچ ئاي يۇقىرى كۆتۈرۈلدى دېيىلدى.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: كەلگۈسى 12 ئايدىكى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سانلىق مەلۇمات ئۇدا ئۈچ ئاي يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، 17.7گە يەتتى؛ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى باھالاش كۆرسەتكۈچىمۇ 17.6گە يېتىپ، 2013-يىلى 7-ئايدا بۇ تەكشۈرۈش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى.
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئىشقا ئورۇنلاشقانلار كۆپەيگەنلىكتىن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنىڭ بىرى بولغان ئىستىمالمۇ ئاشتى شۇنىڭ بىلەن بىرگە تاشقى سودىنىڭ ئىستىقبالىدىمۇ ياخشىلىنىش بولدى.
ياۋروپا ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى شرود: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەدرىجىي مۇقىم ئېشىپ، بىر قەدەر يۇقىرى ئېشىش سەۋىيەسىگە يەتتى دېدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر