باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو- پولشا ياشلىرى ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارزۇسىنى دەۋر مېلودىيەسىگە سىڭدۈرمەكتە

«بىر بەلباغ بىر يول»ئارىلىقىمىزنى يېقىنلاشتۇردى(«بىر بەلباغ، بىر يول». ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش)

2017.05.02 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى گېزىتىنىڭ پولشادا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى لى زېڭۋېي«جۇڭگو-پولشا مول، ئېسىل تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە. بىز ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆرنەك ئېلىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، جايلار، ساياھەت، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت ياشلىرىنىڭ جۇڭگو- پولشا دوستلۇق كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ياخشى ئېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەشكە پائال تۆھپە قوشۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ 2016- يىلى 6-ئاينىڭ 17- كۈنى پولشادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، پولشانىڭ «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»دە ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت ياشلىرىغا سەمىمىي تىلەكلەرنى تىلىگەن.

  پولشا زۇڭتۇڭنىڭ مەسلىھەتچىسى زارې كوخارىسكىي يېقىندا پولشادا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-پولشا ھەمكارلىق يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «‹بىر بەلباغ، بىر يول› پولشا ئۈچۈن بىر پۇرسەت، ئىقتىسادىي جەھەتتىلا ئەمەس، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت جەھەتلەردىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم.»

  بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو- پولشانىڭ ياش ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالاقىسى يەنىمۇ كېڭەيدى، ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ئىرادىلىك ياشلىرى ئۆز ئىستىقبالى ۋە ئارزۇسىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن ئىبارەت دەۋر مېلودىيەسىگە سىڭدۈردى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈشى بىلەن جۇڭگو-پولشانىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى كۈنسېرى كۈچەيدى. پولشا ياشلىرى جۇڭگوغا خەنزۇچە ئۆگىنىشكە كېلىپ، مول مەزمۇنلۇق جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ئۆگەندى. جۇڭگو ياشلىرى پولشا ئوقۇشقا بېرىپ، كوپېرنىكنىڭ مەكتەپدىشىغا ئايلاندى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خۇددى پۇرسەت دەرۋازىسىغا ئوخشاش، جۇڭگو- پولشا ياشلىرى ئارىسىدا ئارزۇ ۋە دوستلۇق كۆۋرۈكىنى تۇتاشتۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر