باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى نوپۇسىدا بولمىغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا ھەقسىز قاتناشسا بولىدۇ

ھەر كۈنى ھەر بىر ئادەمگە 20 يۈەن قاتناش ۋە تاماق تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ

2017.04.28 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نوپۇسى ئۈرۈمچىدە بولمىغان، بىراق ئۈرۈمچىدە داۋاملىق تۇرۇشلۇق ھەر مىللەت ئەمگەكچىلىرى پەقەت قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەمگەك قىلىش يېشى دائىرىسى ئىچىدە بولسا، تەربىيەلىنىش ئارزۇسى بولسا ۋە قولىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش-ئىشسىزلىقنى تىزىملاش كىنىشكىسى ياكى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش كىنىشكىسى بولسىلا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا ھەقسىز قاتناشسا بولىدۇ، ھەر كۈنى ھەر بىر ئادەمگە 20 يۈەن قاتناش ۋە تاماق تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

  27-ئاپرىل، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچى نوپۇسىدا بولمىغانلارنى ھەقسىز ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىشى ئىكەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت، كۇرس ئارقىلىق ئۈرۈمچى نوپۇسىدا بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە يېڭىدىن مەبلەغ سېلىپ ئورۇنلاشقان شىركەت، كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلەشكە يېتەكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا يېتىش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر