باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بىر بەلباغ، بىر يول» ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىي جۇغراپىيەسىنى قايتا جانلاندۇرايلى

2017.05.02 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 1956-يىلى، ماۋ زېدۇڭ مۇنداق دېگەن: «جۇڭگو ئىنسانىيەتكە چوڭراق تۆھپە قوشۇشى كېرەك». بىراق بۇ خىل تۆھپە ئۆتكەن ئۇزاق بىر مەزگىلدە ناھايىتى ئاز كۆرۈلۈپ، بىزنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغان ئىدى. مانا ھازىر جۇڭگومۇ ئىنسانىيەتكە چوڭ-چوڭ تۆھپىلەرنى قوشالايدىغان بولدى. 14-ماي بېيجىڭدا ئېچىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىش ۋە جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىدۇ.بۇ قېتىمقى باشلىقلار مۇنبىرى ئېچىلىشىنىڭ زور ئەھمىيىتىگە قانداق قاراش كېرەك؟

  بىرىنچىدىن، «جۇڭگو لايىھەسى» خەلقئارا ھەمكارلىققا تۈرتكە بولىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭگو تۇنجى بولۇپ تەشەببۇس قىلغان خەلقئارا ھەمكارلىق تەشەببۇسى، بۇ قېتىمقى مۇنبەر «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، جۇڭگو بۇ ھەقتە ئۇيۇشتۇرغان ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى خەلقئارالىق يىغىن. مۇنبەر دۇنيا ئىقتىسادىدىكى مۈشكۈل شارائىتنى بۆسۈپ ئۆتۈش ۋە «يەر شارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش» نى ئۆزگەرتىشنى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئىككىنچىدىن، «جۇڭگو لايىھەسى» تەسىر دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، دەرىجىسى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان خەلقئارالىق ھەمكارلىق پىلانىغا ئايلىنىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىلا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: ھەم بارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە، ھەم بارلىق رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۆلەتلەرگە ئېچىۋېتىش كېرەك. بۇ قېتىمقى مۇنبەر مەزگىلىدە، تەرەپلەر ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەت ۋە تەجرىبىلىرىنى يەنىمۇ يەكۈنلەپ، تېخىمۇ زور ئەقىل-پاراسەتنى توپلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمراھنى كاتتا مۇنبەرنى بىللە ئۆتكۈزۈشكە جەلپ قىلىدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، «جۇڭگو لايىھەسى» رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىقنىڭ دەرىجىسىنى خەلقئارا ھەمكارلىققا ئۆستۈرىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە 110 دۆلەتنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئالىملىرى، كارخانىچىلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ساھەسى، تاراتقۇلار قاتارلىق ھەر ساھە زاتلىرىدىن بولۇپ 1200 دىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىدىغان بولۇپ، ياۋروپا، ئاسىيا، شىمالىي ئامېرىكا، لاتىن ئامېرىكىسى، ئافرىقا قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئەنئەنىۋى رايون چەكلىمىسىدىن ھالقىپ، دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ھەقىقىي يەر شارىلىشىش ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

   مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر