باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ساياھىتىدە «1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىشتا ئېتىبار كۆپ

5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1 يۈەن بولىدۇ

2017.04.27 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، شىنجاڭدىكى ساياھەت ئورۇنلىرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىپ، يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويغان ھەر خىل ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىدىن باشقا، يېزا-كەنت ساياھىتى، ئىستىراھەت دەم ئېلىش پائالىيىتىنى تېخىمۇ مەزمۇنغا باي قىلىپ يېڭىلىدى. بولۇپمۇ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. 26-ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى ئۈندىدار سۇپىسىدا «تەڭرىتاغ بوغدا كۆلىنى قانغۇچە ساياھەت قىلىش» پىروگراممىسى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدا ھەر كۈنى بۇغدا مەنزىرىلىك رايونىنىڭ كىرىش بېلىتىدىن 500 پارچىسى پەقەت بىر يۈەندىن سېتىلىدىكەن.

  ئېتىبار بېرىشكە كەلسەك، «1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىشتا، بۇ مەنزىرە رايونى يەنە بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان، مەسىلەن، ھەربىيلەر، بالىلار، ئوقۇغۇچىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەر، قاتارلىق ياش تۈرلىرىگە ئايرىپ، ھەقسىز ياكى يېرىم باھا بېلەت شەكلى بويىچە ئېتىبار قىلىدىكەن؛ ئوقۇتقۇچى، ئەمگەك نەمۇنىچىسى، قەھرىمانلار، ئەخلاق نەمۇنىچىسى قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا بېلەت ھەقسىز بولىدىكەن؛ مۇخبىر، فوتوگراف، يازغۇچى، خەتتاتلارغا ئىشىك بېلىتى ھەقسىز ياكى باشقا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدىكەن.

  قاناس مەنزىرە رايونى «1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، قىسمەن رايون ساياھەتچىلىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپتۇ، يەنى 2017-يىلى 1-مايدىن 7-مايغىچە ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، كۈيتۇن شەھىرى، قاراماي شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بېيتۈن شەھىرى كىملىگە ئىگە ساياھەتچىلەرگە قاناس، قوم ۋە ئاققابا مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى ھەقسىز بولىدىكەن (رايونلار ئارا ئاپتوبۇسنىڭ پۇلىنى ئۆزى تۆلەيدۇ).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە:خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر