خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ئاپرىل، بىر ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «بىرلىشىش لوڭقىسى» مەملىكەت بويىچە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى مەكتەپلەر ئارا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى زاۋۇتى رايونى پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە تيەنجىن شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ شەھىرى شۈنيى رايونى ياڭجېن 1-ئوتتۇرا مەكتىپى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. كەسكىن مۇسابىقە ئارقىلىق، تيەنجىن شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى 3 دە 1 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ شەھىرى شۈنيى رايونى ياڭجېن 1-ئوتتۇرا مەكتىپى كوماندىسىنى يېڭىپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. بېيجىڭ شەھىرى شۈنيى رايونى ياڭجېن 1-ئوتتۇرا مەكتىپى كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، خاڭجۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى