خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 26- كۈنى، كورېيەنىڭ شىڭجۇ ئايمىقىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى «سائاد» سىستېمىنىڭ قىسمەن جابدۇقلىرى ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا «سائاد» سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان شىڭجۇدىكى گولف توپ مەيدانىغا ئارقا-ئارقىدىن توشۇپ كېلىندى. كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 26-ئاپرېل، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى «سائاد» سىستېمىنىڭ قىسمەن جابدۇقلىرىنىڭ شۇ كۈنى كورېيەنىڭ شىڭجۇ ئايمىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. كورېيە ساقچى تەرەپ نەچچە مىڭ ساقچى چىقرىپ يوللارنى قامال قىلدى ھەمدە شۇ جايدىكى «سائاد»نى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارشى زاتلار بىلەن توقۇنۇشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى