باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

بېلارۇسىيەدە چىرنوبىل يادرو ۋەقەسىنىڭ 31 يىللىقى خاتىرىلەندى

2017.04.27 14:41   مەنبە: خەلق تورى

بېلارۇسىيەدە چىرنوبىل يادرو ۋەقەسىنىڭ 31 يىللىقى خاتىرىلەندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 26- كۈنى، بېلارۇسىيە پايتەختى مىنسىكىدا، بىر ھەربىي چېرنوبىل يادرو ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرمەكتە. شۇ كۈنى، بېلارۇسىيەدىكى ھەر ساھە زاتلار مىنسىكىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، چېرنوبىل يادرو ۋەقەسىنىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. 1986-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بېلارۇسىيە چېگراسىغا يېقىن جايدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 4-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى تۇيۇقسىز پارتلاپ، 30 ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلدى، سەككىز توننىدىن ئارتۇق كۈچلۈك رادىئاتسىيەلىك ماددا ئېقىپ كەتتى. بۇ يادرو ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يەنە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى 60 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق تۇپراقنى بىۋاسىتە بۇلغىدى، 320 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يادرو رادىئاتسىيەسىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى. بۇ، ھازىرغىچە ئىنسانىيەتنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىش تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ۋەقە ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرىدا دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى خاتىرىلەندى
    ·بۇ يىل مائارىپ ساھەسىگە 28 مىليارد 960 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت ئەل تىلى ياكى خەنزۇ تىلى ئاڭلاش ئىقتىدارى نەتىجىسى ئومۇمىي نەتىجىگە قو…
    ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئۆي-زېمىن ئەمەلىي تۇرالغۇ شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرنىڭ مەكتەپكە ك…
    ·ئۆزبېكىستان 5-نۆۋەتلىك خەلقئارا ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسى باشلاندى
    ·2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى 
    ·پەن تەتقىقات يۇرتى ۋە پارتىيە مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار…
    ·4- ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى كەسپى ئورۇنلار ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچى…
    ·ئىنستىتۇت-فاكۇلتېت ۋە كەسىپ توسۇقى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ
    ·بەش تارماق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى: كەسىپ تەسىس قىلىش، ئادەم قوبۇل قىلىش-ئىشلىتىشتە تې…