باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2017.04.26 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى ئانالىز ۋە مۇھاكىمە قىلىندى، «مەركەزنىڭ سىياسىي–قانۇن ئورۇنلىرىنى كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلات» قاراپ چىقىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 25-ئاپرېل يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى ئانالىز قىلدى ۋە مۇھاكىمە قىلدى. يىغىندا «مەركەزنىڭ سىياسىي-قانۇن ئورۇنلىرىنى كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلات» قاراپ چىقىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جايلار ۋە تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە كونا-يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خەۋپتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلاردا ئاسان قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 1-پەسىلدە، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم ئاساستا ياخشىلىنىپ، ياخشى باشلىنىش ۋەزىيىتى يارىتىلدى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە ئۈنۈمى ئەسلىگە كېلىپ، بازارنىڭ كۆزلىمە نىشانى ياخشىلاندى، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى مۇلازىمەت ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، تېز راۋاجلاندى، كەسىپلەرنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقى زورايدى، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمى تېز ئاشتى. تەرەپلەرنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا بولغان تونۇشى تەدرىجىي چوڭقۇرلاپ، ئىش-ھەرىكەت جەھەتتە تېخىمۇ ئاڭلىق بولدى، بۇ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، ھازىر ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشىدا دەۋرىيلىك ئامىللىرى مەۋجۇت، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كېلىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە يېڭى نورمال ھالەت لوگىكىسى بويىچە ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر