باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گۇيجۇدا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر سايلاپ چىقىلدى

شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلاندى

2017.04.21 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇيجۇ ئۆلكىلىك 12-قۇرۇلتىيى 16-ئاپرېلدىن 20-ئاپرېلغىچە گۇيياڭدا ئېچىلدى، قۇرۇلتايدا گۇيجۇ ئۆلكىسىدىن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر سايلاپ چىقىلدى. مەركەز گۇيجۇدا سايلامغا قاتنىشىشقا كۆرسەتكەن ۋەكىل نامزاتى يولداش شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.

  ھازىر گۇيجۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋە ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامرات رايونلاردىكى ئاممىنى ئەستىن چىقارماي، گۇيجۇدا سايلامغا قاتناشقانلىقى ئۇنىڭ گۇيجۇدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا زور دەرىجىدە ئىشەنگەنلىكى، ئۆلكىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ غايەت زور شەرىپى، گۇيجۇدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى بولۇپلا قالماي، گۇيجۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە بېرىلگەن غايەت زور مەدەت. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇيجۇغا كېلىپ سايلامغا قاتنىشىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ئىستىلى ۋە ئوبرازىنى نامايان قىلدى، ياخشى يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، بۇ پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئامما ئارىسىدىكى ئالاقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يولغا قويۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر