باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى بىلەن «جىڭلونى راۋانلاشتۇرۇپ»، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشتىكى «ئاغرىق»نى ھەل قىلىش كېرەك

2017.04.21 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لى كېچياڭ 20-ئاپرېل ۋېيخەي شەھىرىدىكى سۈنجياتۈەن دوختۇرخانىسىغا كەلدى. بۇ جۇڭيى تېبابىتى ئالاھىدىلىكىدىكى مەھەللە دوختۇرخانىسى بولۇپ، ۋېيخەي شەھىرىدىكى جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى بىلەن داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى بەرپا قىلغان. زۇڭلى شەھەرلىك جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ يەردە كېسەل كۆرۈش ۋە سىنلىق يىراقتىن داۋالاش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭيى تېبابىتىدە «جىڭلو راۋان بولسا ئاغرىش ياكى بىئاراملىق ھېس قىلمايدۇ» دېگەن گەپ بار. ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى يۇقىرى-تۆۋەنگە تەڭ يەتكۈزۈپ، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ئارقىلىق «راۋانلاشتۇرۇپ»، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشتىكى «ئاغرىق»نى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ 20-ئاپرېل شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېيخەي شەھىرىكى سۈنجياتۈەن دوختۇرخانىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، نۇرغۇن ياشانغان كىشىلەرنىڭ بۇ يەردە داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەتتىن بەھرىلىنىپ، ياتاق-تاماق جەھەتتە كۈتۈنۈپلا قالماستىن، يەنە خاتىرجەم ھالدا كېسەل داۋالىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدىكى ياشانغانلارنىڭ سانى 200 مىليوندىن ئاشتى، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ كەسپىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان، داۋالىنالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ياشانغانلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى خاتىرجەم قىلغىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر