باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان ئاخباراتچىلاردىن بولايلى

شىنجاڭ گېزىتخانىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر ئىلھام ۋەلى

2017.04.25 16:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»تا ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىغا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالدىم ھەم مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى ھەسسىلەپ ھېس قىلدىم. مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ زور پىرىنسىپال مەسىلىدە باشتىن - ئاخىر كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا زوراۋان - تېررورچىلارنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، تەرەققىياتقا ئىنتىلىپ، بېيىشنى كۆزلەپ، مۇقىملىقنى ئويلىغاچقا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىقتىساد ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلىنىۋاتقان، تۈرلۈك ئىشلىرىمىز جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» كىشىلەرنى مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە دىنىي تەلۋىلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىققا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، بىزنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. شىنجاڭدا ئىتتىپاقلىق، تەرەققىيات، مۇقىملىق ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ھەرقانداق دۈشمەن كۈچنىڭ ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلىشى قۇرۇق ئاۋارىگەرچىلىك بولۇپ، ئۇلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان خەلق ئۇرۇشىدا مۇقەررەر ھالاك بولىدۇ.

  پارتىيەنىڭ ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھازىرقى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» كەسكىن ۋەزىيەتتە قورقماس جاسارەت بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ ئاۋازىلىق رولىمنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن؛ بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، گۇمانلىق ۋە قىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، گاڭگىراش كەيپىياتىنى تۈگىتىپ، ئۇيۇشقاقلىقنى ئاشۇرۇپ، جاسارەت ۋە جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى پائال ياخشى قانات يايدۇرىمەن؛ جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل قىلمىشى ۋە رەزىل مەقسىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ ئەيىبلەيمەن؛ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر ۋە دىن سىياسىتى، دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەيمەن ۋە باشلايمەن؛ ھەر مىللەت كادىر، ئامما، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كادىر، ئاممىنى ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىغاندىلا دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ، بېيىپ قۇدرەت تاپىدىغانلىقى، شەخسلەرنىڭمۇ تەرەققىي قىلىپ ئالغا باسىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەيمەن. بىز زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان بىر مەيدان ھايات - ماماتلىق سىياسىي كۈرەش ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇشىمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدىغاندىلا شىنجاڭنى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە گۈللەندۈرۈشكە ئاساس سالغىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇشىمىز كېرەك.

  مەن مۇقىملىقنى قوغداش شىنجاڭدا ھازىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشۋىق قىلغۇچى بولۇش تارىخىي بۇرچۇمنى ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇمنى تولۇق ئادا قىلىمەن، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلىنىپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، «بەشنى تونۇش»نى كۈچەيتىپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان پولات سېپىلنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر