باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى مۇتەخەسسىسلەر، ئوقۇتۇش پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قائىدە لايىھەسىنى تەييارلاشقا قاتناشسا بولىدۇ، دېدى

2017.04.26 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى 25-ئاپرىل «قائىدىلەرنى تۈزۈش تەرتىپى نىزامى (تۈزىتىلگەن لايىھەسىگە پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدا ئاشكارا پىكىر ئالدى. جەمئىيەتنىڭ قانۇن چىقىرىشقا قاتنىشىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا ئاساسەن، قائىدە تۈزۈشتە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر، ئوقۇتۇش پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشقا بولىدىكەن، يەنە لايىھە تەييارلاشنى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر، ئوقۇتۇش پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىقلارغا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدىكەن.

  پىكىر نۇسخىسىدا، قائىدە لايىھەسى تاييارلاشتا قائىدە لايىھەسى ۋە ئۇنىڭ ئىزاھاتى قاتارلىقلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ پىكىر ئېلىش لازىملىقى، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ پىكىر ئېلىش مۇددىتى ئادەتتە 30 كۈندىن كەم بولماسلىقى، پىكىر ئېلىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش لازىملىقى بەلگىلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يازما شەكىلدە ئالاقىدار تارماقلار ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىكرىنى ئېلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىدار خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەكلىكى؛ پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە ئالاقىدار مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار، تەشكىلاتلار ياكى پۇقرالار قائىدە لايىھەسىگە قارىتا زور ئىختىلاپى بار بولغاندا، تەييارلىغۇچى ئورۇن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ پىكىر ئېلىشقا بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

  تەكشۈرۈش جەھەتتە، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا تالاش-تارتىش چوڭراق بولغان مۇھىم نىزام چىقىرىش ئىشىغا قارىتا باھالاش تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، تەييارلىغۇچى ئورۇن قانۇنچىلىق ئاپپاراتلىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ئوقۇتۇش پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىق تەكشۈرۈشكە يوللانغان نۇسىخىغا زور پىكىر ئىختىلاپى بارلارنى تەكلىپ قىلىپ باھالاش ئېلىپ بېرىش لازىملىقى بەلگىلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر