- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گۇتېرىس تىرامپ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشتى
2017.04.24 14:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى دىيارىك ئۈلۈشكۈن مۇنداق دېدى: باش كاتىپ گۇتېرىس شۇ كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن ئاق سارايدا كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.
بۇ گۇتېرىسنىڭ بۇ يىل 1-يانۋار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بولغاندىن بۇيان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشى.
دىيارىك مۇنداق دېدى: گۇتېررېس بىلەن تىرامپ ئامېرىكا بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىجابىي مۇزاكىرە ئېلىپ باردى، ئىككى تەرەپ يېقىندا يەنە كۆرۈشۈشكە قوشۇلدى. كۆرۈشۈش 15مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە داۋاملاشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر