خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: بىر سودىگەر ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازىرىدا تاۋارلارنى رەتلىمەكتە (24- ئاپرېل تارتىلغان).
ئاپرىل كىرگەندىن بۇيان، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلدى، يېقىشلىق كىلىمات دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا جەلپ قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلقئارا چوڭ بازىرى يىلدا بىر كېلىدىغان ساياھەت پەسلىنى كۈتۈۋالدى. 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى 80 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، بۇ بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن بىر قەدەر روشەن ئاشتى.
شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىلگەن كۆزنىكى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى رايونى بولۇپ، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى» بەرپا قىلماقتا. قۇرۇلۇش كۆلىمى 100 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىغان شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا مىللىي سودا، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك مەھسۇلاتلىرى توپلانغان جاي ۋە كۆرگەزمە مەركىزى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى