باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈشنى پۇختا قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى

2017.04.26 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈشنى پۇختا قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەدبىر، كۆرسەتمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى بىلەن «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى يېڭى نەتىجىلىرى كۈتۈۋېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسى پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي ئورنى ۋە قانۇنىيەتلىك تونۇش ئېنىق كۆرسىتىلىپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، نىشانى، ۋەزىپىلىرى ۋە ئاساسىي تەلىپى چوڭقۇر شەرىھلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى زور ئىستراتېگىيەلىك ۋە چوڭقۇر پىلانى نامايان قىلىنىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يۆنىلىشى كۆرسىتىلىپ مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىن ئېتىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش» دا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىكلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈشى، پارتكوم ئورگانلىرى مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارغا تېز يەتكۈزۈشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە، مەركەز ۋە ھەربىي كومىتېتىنىڭ پىكىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشقا يېتەكلەپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە پەرق، كەمتۈكلۈكلەرگە سەگەكلىك بىلەن قاراپ، ئاساسىي نىشان ۋە ۋەزىپە، تەلەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر