باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا 6-ئايدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدۇ

ئەسلىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى ئىشلىتىلىشتىن توختىتىلىدۇ

2017.04.26 13:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئىيۇندىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەسلىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى ئىشلىتىلىشتىن توختىتىلىدىكەن، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق سىيرىپ راسچوت قىلىش ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىكەن.

  ھازىرقى باسقۇچتا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن ئەسلىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسىنى بىرلىكتە ئىشلىتىش ئەندىزىسى قوللىنىلىۋاتىدۇ.

  ھازىرغا قەدەر، جەمئىي تارقىتىلغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى 221 مىڭ 200 پارچە، ئاكتىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىشكە ئېچىۋىتىلگەن ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى 212 مىڭ پارچە، كارتىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ قولىغا تېگىش نىسبىتى %90 كە يېتىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەسلىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسىنى توختىتىش شەرتىگە يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر