باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو–جەنۇبىي ئافرىقا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالاقىسى مېخانىزمى بويىچە ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2017.04.25 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24-ئاپرېل تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالاقىسى مېخانىزمى بويىچە تۇنجى قېتىملىق يىغىننىڭ پرېتورىيەدە ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈردى. جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالاقىسى مېخانىزمى جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئورناتقان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالاقىسى مېخانىزمى، ئۇ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان مۇھىم ۋاسىتە. مېخانىزمنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر