باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ليۇ يەندۇڭ ئىراننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ساتتارى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2017.04.24 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ 22-ئاپرېل تېھراندا ئىراننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ساتتارى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  ليۇ يەندۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىران بىلەن ھەر قايسى ساھەلەر، ھەر قايسى قاتلامدىكى ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ جىپسىلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ بىر يول» رامكىسى ئاستىدىكى ئېنېرگىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، سانائەت باغچە رايونى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىشنى خالايدۇ. كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردىكى ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  ساتتارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران جۇڭگونىڭ ئىران قىيىنچىلىقتا قالغاندا قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ، ئىران جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى باشتىن ئاخىر تاشقى سىياسىتىدە ھەممىدىن مۇھىم ئورنىغا قويىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە، پەن-تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، سىزنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىڭىزنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر