- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بەييىندىكى «5- ئاۋغۇست» زەنجىرسىمان قاتىللىق دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارى ئەيىبلەندى
2017.04.26 16:34 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گەنسۇ ئۆلكىسى بەييىن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بەييىندىكى «5- ئاۋغۇست» زەنجىرسىمان قاتىللىق دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارى گاۋ ×× يېقىندا قانۇن بويىچە ئەيىبلەنگەن.
بەييىندىكى «5- ئاۋغۇست» ھالقىسىمان ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارى 1988-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە رەھىمسىز ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، 11 ئايالنى ئۆلتۈرگەن، بۇ دېلونى پاش قىلىشقا 28 يىل كەتكەن بولۇپ، بىر مەھەل «ئەسىر ھالقىغان دېلو» دەپ ئاتالغان. 2016-يىلى 8- ئاينىڭ 26-كۈنى، جىنايەت گۇماندارى گاۋ ×× گەنسۇ ساقچى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. سوراق قىلىنىش ئارقىلىق، گاۋ ×× 11 ئايالنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى.
بەييىن شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەپتىش مەھكىمىسى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، باسقۇنچىلىق جىنايىتى، بۇلاڭچىلىق قىلىش جىنايىتى ۋە جەسەتنى خورلاش جىنايىتى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك جىنايەتكە چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر