باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىڭتۈەننىڭ تۇنجى دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قۇرۇلدى

2017.04.25 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ئاپرىل، بىڭتۈەننىڭ تۇنجى دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ئاق قۇم كۆلى مەنزىرە رايونى «غەربىي شىمال چېگراسىدىكى بىرىنچى تۈەن» دەپ نامى بار بىڭتۈەن 10ـشىسى 185-تۈەنىدە يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  ئاق قۇم كۆلى مەنزىرە رايونى جۇڭگو-قازاقىستان چېگراسىدىكى 185-تۈەنگە جايلاشقان، غەربىي شىمالى جۇڭگو-قازاقىستان چېگرىسىغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدۇ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2100 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن 1300 مېتىر كېلىدۇ.

  يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، 185-تۈەن چېگرا ساياھەت بەلبېغىنى پىلانلاپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا بويى مەدەنىيەت مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، قىزىل چېگرا ساياھىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، شىمالدىن جەنۇبقا شەكىللەنگەن، نۇقتا، سىزىق بىلەن گەۋدىلەشلەن، ئۆزگىچە بولغان قىزىل چېگرا ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەنزىرە رايونىدۇر.

  بىڭتۈەن ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۈكې مۇنداق دېدى: «ئاق قۇم كۆلى مەنزىرە رايونى بىڭتۈەندە دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى، ‹ئاق قۇم كۆلى› ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى يارىتىش بىڭتۈەن ساياھىتىدىكى داڭلىق ماركا ئەۋزەللىكىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۈەن ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش، بىڭتۈەن ساياھەتچىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر