باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېڭ جيەنجۇ ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى تۇرۇنبۇل بىلەن كۆرۈشتى

2017.04.24 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋسترالىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ 21-ئاپرېل ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى تۇرۇنبۇل بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە جۇڭگو-ئاۋسترالىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بىخەتەرلىك سۆزلىشىش مېخانىزمىنى باشلىدى.

  مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى، خادىملارنىڭ باردى-كەلدىسىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بىخەتەرلىك سۆزلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىشى، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى ناھايىتى مۇھىم.

  تۇرۇنبۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاۋسترالىيە جۇڭگو بىلەن بولغان بىخەتەرلىك، قانۇن ئىجراسى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بىخەتەرلىك سۆزلىشىش مېخانىزمىدىن ئىبارەت بۇ سەھنە ئارقىلىق، ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شۇ كۈنى مېڭ جيەنجۇ تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو-ئاۋسترالىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بىخەتەرلىك سۆزلىشىشىگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. يىغىندىن كېيىن ئىككى تەرەپ «تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو-ئاۋسترالىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بىخەتەرلىك سۆزلىشىشى بىرلەشمە باياناتى»نى ئىمزالىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر