باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

2017.04.26 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركەزنىڭ ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى 24-ئاپرېل ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، مەزكەر مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش بويىچە يەتتە گۇرۇپپا تەشكىللەپ، تيەنجىن،سەنشى، لياۋنىڭ، ئەنخۇي، فۇجيەن، خۇنەن، گۇيجۇ قاتارلىق يەتتە ئۆلكە (شەھەر) نىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ.

  24- ئاپرېل، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 5- گۇرۇپپىسىنىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىنى نازارەت قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 6-گۇرۇپپىسىنىڭ خۇنەن ئۆلكىسىنى نازارەت قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا فۇجىيەن ئۆلكىسى ۋە چاڭشادا ئېچىلدى. قالغان بەش گۇرۇپپىمۇ يېقىندا نازارەت قىلىش خىزمىتىنى باشلايدۇ.

  مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئالاقىدار بىر تۈرلۈك زور تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى. نازارەت قىلىش ئارقىلىق، ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، گەۋدىلىك مۇھىت ئاسراش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، مۇھىت ئاسراش سۇبيېكتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى نۇقتىلىق ئىگىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر