باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۈتۈنۈش فوندىغا مەبلەغ سېلىش پاي چېكى ئېلىش ئەمەس

2017.04.26 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فۇندىغا مەبلەغ سېلىپ يۈرۈشتۈرۈش تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە يەرلىكنىڭ خىزمەتلىرىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھاۋالىلىك مەبلەغ سېلىش توختامى ئىمزالاشنى ئىلگىرى سۈردى. 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بېيجىڭ، شاڭخەي، خېنەن، خۇبېي، گۇاڭشى، يۈننەن، شەنشى قاتارلىق يەتتە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشى بىلەن ھاۋالىلىك مەبلەغ سېلىش توختامى ئىمزالاندى. توختام ئومۇمىي سوممىسى 360 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 137 مىليارد يۈەن مەبلەغ ھېساباتقا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، قالغان مەبلەغ توختام بويىچە يىللارغا، تۈركۈمگە بۆلۈپ نەقلەشتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى ئۆلكىلەرمۇ پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ سېلىشقا ئالاقىدار تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى ئومۇمەن ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لۇ ئەيخۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كېيىنكى باسقۇچتا، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى قالدۇقى كۆلىمى چوڭراق، قوللاش ئىقتىدارى كۈچلۈكرەك ئۆلكىلەرنىڭ مەبلەغ سېلىپ يۈرۈشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىللە، باشقا ئۆلكىلەرنى ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇچۇر ئاشكارىلاشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ. لۇ ئەيخۇڭ مۇنداق دېدى: «كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى بولۇپ، مەبلەغ سېلىپ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا، فوند بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سېلىنما خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز».

  كۈتۈنۈش فوندىغا مەبلەغ سېلىش پاي چېكى ئېلىش ئەمەس. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى، گوۋۇيۈەن بېسىپ تارقاتقان «ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى« دە، كۈتۈنۈش فوندىغا چېگرا ئىچىدە مەبلەغ سېلىش بىلەن چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلەنگەن، مەبلەغ سېلىش دائىرىسى: بانكا ئامانەت پۇلى، مەركىزىي بانكا چېكى، كەسىپداشلار ئارا ئامانەت پۇلى تالونى؛ دۆلەت قەرزى، سىياسەت خاراكتېرلىك، ئېچىش خاراكتېرلىك بانكا زايومى، ئىناۋەت دەرىجىسى مەبلەغ سېلىش دەرىجىسىدىن يۇقىرى پۇل مۇئامىلە قەرزى، كارخانا (شىركەت) قەرزى، يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى زايومى، ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان زايوم (ئايرىم سودىلىشىدىغان ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان زايومنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش زايومى، ئوتتۇرا مەزگىللىك چەك، مۈلۈك قوللاش ئاكسىيەسى، زايومنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش؛ كۈتۈنۈش مەھسۇلاتلىرى، بازارغا سېلىپ ئوبوروت قىلىنىدىغان ئاكسىيە سېلىنما فوندى، پاي چېكى، پاي ھوقۇقى، پاي كۆرسەتكۈچى قەرەللىك مال، زايوم زاكاز مالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كۈتۈنۈش فوندىغا مەبلەغ سېلىش پېيى، پاي چېكى فوندى، ئارىلاشما فوند، پاي چېكى تىپىدىكى كۈتۈنۈش فوندى مەھسۇلات نىسبىتىنى قوشقاندا كۈتۈنۈش فوندى مەبلىغى ساپ قىممىتىنىڭ %30 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر