باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان ئالتە تىپىك دېلونى پاش قىلىپ، بۇلار ئۈستىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2017.04.26 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئالتە تىپىك دېلونى، يەنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان ئالتە تىپىك دېلونى پاش قىلىپ، بۇلار ئۈستىدەئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ ئالتە تىپىك دېلو تۆۋەندىكىچە:

  ئىلى ئوبلاستى كۇيتۇن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ لۇجۈننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات پۇللارنى قوبۇل قىلغان مەسىلىسى. ليۇ لۇجۈن خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىدىن سوۋغات بۇيۇملار، سوۋغات پۇللار ۋە مال سېتىۋېلىش كارتىسى قاتارلىقلارنى كۆپ قېتىملاپ قوبۇل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەت ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلگەن. ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  بورتالا ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك سوتچىسى بايىنبۇلاقنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. بايىنبۇلاق ئارىشاڭ ناھىيەسى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋە باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلىدە، قائىدىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا كۆپ قېتىم ئىشلىتىش ۋە ھۆكۈمەت پۇلىغا دوست-بۇرادەرلەرنى كۈتۈش، بايرام مەزگىلىدە كۆپ قېتىملاپ سوۋغا قوبۇل قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا مال سېتىۋېلىش كارتىسى سېتىۋېلىپ سوۋغا-سالام بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى سادىر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىلگەن.

  قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى سەھىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ خەيشيونىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلىشى دېگەندەك مەسىلە. جاڭ خەيشيو شاڭخەيدە كەسپىي تەربىيەلىنىشتەبولىۋاتقان مەزگىلىدە ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، دورا بىلەن تەمىنلىگۈچى مۇناسىۋەتلىك سودىگەر ئېلىپ بەرگەن قايتىش بېلىتىنى ۋە توشۇش مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغان، ھەمدە شۇ ئايروپىلان بېلىتىنى ئاتچوت قىلدۇرغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ۋە مەمۇرىي جەھەتتە چوڭ گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلگەن.

  قۇمۇل شەھىرى ئاراتۈرك ناھىيەسى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئەكرەم ئىساقنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلىغا ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن ماي قاچىلاش ۋە ياسىتىش مەسىلىسى. ئەكرەم ئىساق كۆپ قېتىم ئىدارىنىڭ ماي قاچىلاش كارتىسى بىلەن شەخسىي ئاپتوموبىلغا ماي قاچىلىغان، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئىشلىتىپ ئائىلە ماشىنىسى ئۈچۈن سۇغۇرتا سېتىۋالغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن.

  قەشقەر ۋىلايىتى غەربىي جەنۇبى تارىم جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چۈننىڭ مەبلەغ توپلاپ سېلىنغان ئۆينى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئارتۇق ئىگىلىۋالغان مەسىلىسى. ۋاڭ چۈن مەبلەغ توپلاپ سېلىنغان ئۆيدىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بىر يۈرۈش ئارتۇق ئىگىلىۋالغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغاپارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن ۋە ئۆينى قايتۇرۋېتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا تاپشۇرۇلغان.

  خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى پۇرچاقچى يېزىلىق پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى جاۋ شۇجياڭنىڭ ۋە پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى نۇرمەمەت تالىپنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا مېىمان كۈتۈۋېلىش مەسىلىلىرى. جاۋ شۇجياڭ ۋە نۇرمەمەت تالىپ ئورمان بەلبېغىنىڭ ھۆددىگەرلىك ھەققىنى تۇتۇپ قالغان، ئۆز ئالدىغا «كىچىك خەزىنە» قۇرۇپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىنى مېىمان كۈتۈۋېلىشقا ئىشلەتكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، جاۋ شۇجياڭغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ ئىككى يىل كۆزىتىش ۋە مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى ۋە بۆلۈم دەرىجىلىك رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن بۆلۈم ئەزاسىغا چۈشۈرۈش جازاسى بېرىلگەن، نۇرمەمەت تالىپقا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەمگەكچىلەر بايرىمى ۋە تاڭزۇڭزا بايرىمى يېقىنلىشىپ قالدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي باشقۇرۇش ۋە قاتتىق باشقۇرۇشنى پارتىيە ئەزالىرىغا ۋە كادىرلارغا بولغان ئەڭ چوڭ «پاراۋانلىق» دەپ قاراپ، ئۆز رايونىنىڭ، ئۆز بۆلۈمىنىڭ، ئۆز ئورنىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىغا ئەمەلىي يېقىنلىشىپ، «ھالقىلىق ئاز سانلىق»نى كۆزدە تۇتۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات بېرىش ۋە قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا زىياپەتكە تەكلىپ قىلىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلنى شەخسى ئىشلىرىغا ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا مال سېتىۋېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش قاتارلىق كۆپ يۈز بېرىدىغان مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىپ، «تۆت خاھىش»لىقنى ۋە يوشۇرۇن ھالەتتىكى «تۆت خاھىش»لىقنى تۈزەشتە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر