باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

3- ئايدا، مەملىكەت بويىچە سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپ 2733 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئۈچ كادىر جازالاندى

2017.04.26 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 24-ئاپرېل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، 2017-يىلى 3-ئايدا، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 2733 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، 3934 كىشى بىر تەرەپ قىلىنىپ، 2598 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن.

  ئېلان قىلىنغان ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 2017-يىلى 3-ئايدا، 2733 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 650 قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ قوشۇمچە ياردەم پۇلى ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىلتىلغان، 508 قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغا ۋە پۇل قوبۇل قىلىنغان، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى 555 قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ شەخسىي ئىشقا سەپلىنىپ ئىشلىتىلگەن، چوڭ توي مۇراسىمى ۋە نەزىر-چىراغ ئىشلىرى 362 قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن، 298 قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىلگەن، 150 قېتىم ئۆلچەمدىن ھالقىپ مېھمان كۈتۈۋېلىش-قوبۇل قىلىش ياكى ھۆكۈمەت پۇلىغا يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، چېنىقىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامگاھقا كىرىش-چىقىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ تۇرالغۇ مەسىلىسى، ھۆكۈمەت پۇلىغا 152 قېتىم ساياھەت قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىشقا چېتىشلىق 58 مەسىلە بايقالدى.

  3- ئايدا، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە چارە كۆرۈلگەن كادىرلار ئىچىدە، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئۈچ كادىر، ۋىلايەت، نازىر دەرىجىلىك 28 كادىر، ھاكىم، باشقارما دەرىجىلىك 258 كادىر بار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر