باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك

2017.04.24 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ۋەزىپە مۈشكۈل، شۇڭا «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىشنى ماھىرلىق بىلەن پۇختا قىلىپ، كۈچەپ ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  ئاپرېل ئېيى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا باھار شامىلى زېمىننى ئىللىتىپ، چېچەكلەر بەس-بەستە ئېچىلغانىدى. شى جىنپىڭ 19-ئاپرېلدىن 21-ئاپرېلغىچە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى پېڭ چىڭخۇا، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى چېن ۋۇنىڭ ھەمراھلىقىدا، بېيخەي، نەننىڭ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، پورت، كارخانىلار، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى، يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە بازىلىرى ۋە مەدەنىيەت ئورۇنلىرىغا كېلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە تەۋسىيەلىرىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر